مۇھىم خەۋەرلەر

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى: بېرمىنىڭ شىمالىدىكى كوكاڭدا «تۆت چوڭ جەمەت» جىنايەت گۇرۇھى گۇمران بولۇش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىدى

2024.05.28 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى گوجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، گۇڭئەن ئورگانلىرى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلوسىدىن 1 مىليون 945 مىڭنى پاش قىلدى، مەملىكەت بويىچە يەككە ئايدا تۇرغۇزۇلغان دېلو سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۇدا سەككىز ئاي تۆۋەنلىدى، ئالدىنىپ زىيانغا ئۇچراش سوممىسى %30كە يېقىن تۆۋەنلىدى، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى.

  لى گوجۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بولۇپمۇ 2023-يىل 7-ئايدىن بۇيان، بېرمىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭگوغا چېتىشلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس خىزمىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ،49 مىڭدىن ئارتۇق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، سېسىق نامى پۇر كەتكەن بېرمىنىڭ شىمالىدىكى كوكاڭدا «تۆت چوڭ جەمەت» جىنايەت گۇرۇھى گۇمران بولۇش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىدى، بەي سوچېڭ، بەي يىڭساڭ، مىڭ جېنجېن، ۋېي خۇەيرېن، ليۇ جېڭشياڭ، ليۇ جېڭماۋ قاتارلىق زور جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىندى، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى قانۇننىڭ سوتى ۋە قاتتىق جازاسى. يەنىلا شۇ گەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە چېقىلغانلار، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلغانلار مەيلى قانچىلىك يىراقتا بولسۇن چوقۇم جازالىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ