مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كورىيە ۋە ياپونىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلامدۇ؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2024.05.28 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  2024- يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: جۇڭگو بۇرۇن ئېلان قىلىنغان جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە كورىيە ۋە ياپونىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئويلىشامدۇ؟

  ماۋ نىڭ: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئىزچىل پائال تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى خالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ