شىزاڭدا بەش يىلدىن بۇيان 356 نەپەر ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ۋە يارىلانغان
2024.05.28 16:19 مەنبە: خەلق تورى
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاخبارات باياناتچىسى شيې شياڭپىڭ 27-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل، بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىزاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، دادىل ئىشلەپ، سادىقلىق بىلەن ئىسسىق قېنى، ھەتتا ھاياتى ۋە نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، شىزاڭدا جەمئىي 356 ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى ۋە يارىلاندى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، شىزاڭ ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ساقچى ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇقىم ئۆستۈردى. «كەسىپ+مېخانىزم+چوڭ سانلىق مەلۇمات»تىن ئىبارەت يېڭىچە ساقچى ئىشلىرى ھەرىكەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇڭئەن ساقچىلىرىنىڭ يېڭى، سۈپەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، شىزاڭ گۇڭئەن ئىسلاھاتىدا سىستېمىلىق قايتا قۇرۇش، ئومۇمىي گەۋدىلىك ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇردى، گۇڭئەن ئىشلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ