مۇھىم خەۋەرلەر

2024-يىل 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 9755 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2024.05.28 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋېزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋېزىيە كومىتېتى 2024-يىل 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 9755 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 13 مىڭ 656 كىشىگە تەنقىدىي تەربىيە بېرىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 8916 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە چارە كۆرۈلگەن، بۇ ئۇدا 128 ئاي ئېلان قىلىنغان ئايلىق سانلىق مەلۇمات.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلماي، قالايمىقان قىلىپ، ساختا قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن، 4-ئايدا جەمئىي 3827 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇ شۇ ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %87.7 ىنى ئىگىلىگەن. 4-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق ئالاھىدە مەھسۇلات ياكى سوۋغات ۋە پۇل قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ-ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى شۇ ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىنىڭ %45.5،%22.4، %13.6 ىنى ئىگىلىگەن.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن بىرى، ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىسىدىن 65 ى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىسىدىن 736 سى، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كادىرلار مەسىلىسىدىن 8953 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەسىلىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلە ئومۇمىي سانىنىڭ %91.8 ىنى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ