مۇھىم خەۋەرلەر

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى: دۆلىتىمىز قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى

2024.05.28 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2023-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى ئورتاق تۇرغۇزغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سانى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئامانلىق دېلولىرىنىڭ سانى 2019-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 12.9، %9.7 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە پارتلىتىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ سانى %10.7 تۆۋەنلىگەن، ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 0.46 قېتىم قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن. دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە قاتىللىق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ۋە قورال-ياراغ، پارتلىتىش دېلولىرى ئەڭ ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ