مۇھىم خەۋەرلەر

111 ياش! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر دەپ بېكىتىلدى

2024.04.09 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  دۇنيا جىنىس رېكورتى ئورگىنى 5-ئاپرېل تۇغۇلغىنىغا 111 ياش 224 كۈن بولغان ئەنگلىيەلىك بوۋاي جون ئالفرېد تىننىس ۋودنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر دەپ بېكىتتى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 6-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، تىننىس ۋود 1912-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېنگلاندنىڭ غەربىي شىمالىدىكى پورت شەھىرى لىۋېرپولدا تۇغۇلغان، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا دۇنيا جىننېس رېكورتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەر ئەسكەر». ئۇ ھازىر دېڭىز بويىدىكى كىچىك بازار شوس پورتېردىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىدۇ.تىننىس ۋود ئادەتتە تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراقنى بەك ئاز ئىچىدۇ، ھەر جۈمە كۈنى ياغدا پىشۇرۇلغان بېلىق، بەرەڭگە قەلەمچىسى يەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرىنى «تەلىيى ئوڭدىن كېلىش» دەپ قارايدۇ. ياشانغانلار كىشىلەرگە ئىشنى مۇۋاپىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، «مەيلى سىز بەك كۆپ ئىچىۋېلىڭ ياكى بەك كۆپ يەۋېلىڭ، ياكى بەك كۆپ يول مېڭىڭ، ئەڭ ئاخىرىدا جاپا تارتىسىز».

  ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر شۋېتسارىيەلىك خۇئان بىسېنت پېرىس مولا بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ 115 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىگە يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىدى.

  جىنىس دۇنيا رېكورتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال ئىسپانىيەلىك مارىيە برانياس مورېللا بولۇپ،1907-يىل 3-ئايدا تۇغۇلغان، بۇ يىل 117 ياشقا كىرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ