مۇھىم خەۋەرلەر

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «سەككىز سائەتتىن سىرتقى» ۋاقتىنى جىق ئىگىلىۋالماسلىق كېرەك

2024.03.22 01:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر يىپ ئۇچىنى توپلاش باشلانغاندىن بۇيان، ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسىدا نامۇۋاپىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئائىت ئەرز-شىكايەتلەر بىرقەدەر كۆپ بولدى. مەسىلەن، بەزى تورداشلار تۇرپان شەھىرىدىكى مەلۇم ئورۇن رەھبىرىنىڭ «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلاش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى شەرەپ دەپ بىلىش»، «كەچ سائەت 12 گىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش، ئىشتىن چۈشۈپلا كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەنقىدلەش»، «ئادەتتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسىغۇ مەيلى، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ يەنە ئىدارىگە بېرىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلاش» قىلمىشى ھەققىدە ۋايسىغان. «چىراغلار رەھبەر ئۈچۈن يانىدۇ، دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بار» دەيدىغان بۇ ماقالىگە قارىتا، نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئوخشاش ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىپ، سۆز قالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكىراتلىققا بولغان قاتتىق نەپرىتىنى ئىپادىلەپ، «سەككىز سائەتتىن سىرتقى» ۋاقىتنى ئۆزلىرىگە ھەقىقىي قايتۇرۇپ بېرىشكە تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئەمەلىيەتتە، بەزى جايلاردا ۋاقىت توشقاندىن كېيىن «رەھبەرلەر ئىشتىن چۈشمىسە، كادىرلار ئىشتىن چۈشمەيدۇ»، كۆزلىرى چەكچىيىپ، سۆرەلمىلىك قىلىپ، خۇپسەنلىك قىلىدۇ؛ بەزىلەر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقاندا، يەنە ھەر ۋاقىت خىزمەت توپلىرىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرىدۇ، ھەر ۋاقىت بىر تېلېفون بىلەنلا ئىدارىگە قايتىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئېھتىماللىقى بار؛ بەزىلىرى «شەنبە كۈنى دەم ئالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەكشەنبە كۈنى دەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلمايدۇ»، ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئېلىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت سوراپ، ئۆيىنى مېھمانخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ؛ بەزىلىرى ھە دېسىلا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، كېچىلىك ئىسمېنا تۈگىگەندىن كېيىن كۈندۈزى يەنە ئىشلەيدۇ؛ بەزىلەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ، نورمال تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى، يىللىق دەم ئېلىش ئارتۇقچە ئارزۇ بولۇپ قالدى... توختىماي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بەكلا چارچىتىپ قويدى.

  «يۇقىرىدىن تۈمەن تۈرلۈك ۋەزىپە چۈشسە، تۆۋەندە بىر-ئىككى ئادەم ئىش قىلىدۇ». ئاساسىي قاتلام يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان تۈگۈن، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ تۈگۈنى ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بەزى جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەر كەلگەندە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى بېغىشلاش ئېڭىغا ئىگە. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بىزار بولغىنى ئەھمىيەتسىز، نامسىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، ئايىغى چىقماس ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، كېچە-كۈندۈز دېمەي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش.

  ئالدى بىلەن، زىيادە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»دا خىزمەت ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش، يىللىق دەم ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نورمال دەم ئېلىش، يىللىق دەم ئېلىش ھوقۇقىنى ھەرقانداق ئادەم مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، زىيادە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئەقىلگە سىغمايدۇ، نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆيىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا، بالىلارنى تەربىيەلىشىگە، جۆرىسىگە ھەمراھ بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ياشلار يەنە توي ئىشلىرىغا ۋاقىت چىقىرىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، زىيادە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مۇۋاپىق ئەمەس، ھەرقانداق ئىشتا ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، جىددىيلىك بىلەن ئارامنىڭ چېكى بولۇش كېرەك، پەقەت ياخشى ئارام ئالغاندىلا، زېھنىي كۈچ يېتەرلىك بولغاندىلا ئاندىن خىزمەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش كادىرلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز، بەزىلەر ياش تۇرۇپلا ئۇنداق-بۇنداق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ زىيادە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش يەنە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، ئىناق بولۇشىغا پايدىسىز، بەزىلەر ئۇزاق مۇددەت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش سەۋەبىدىن ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا سەل قاراپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتى بۇزۇلۇش، ئائىلىسىدە ئائىلە پۇرىقى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «سەككىز سائەتتىن سىرت» ۋاقتىنى جىق ئىگىلىۋالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى ھەقىقىي ئويلىشىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشتە. مەسىلەن، ھۆججەت-يىغىنلار، كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىشلارنى ئازايتىشقا بولامدۇ؟ بەزى يىغىنلارنى ئامال بار ھەپتە ئاخىرىدا، كەچتە ئاچماسلىققا بولامدۇ؟ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرماسلىققا بولامدۇ؟ ئاساسىي قاتلامدىن ئۇنداق-بۇنداق جەدۋەللەرنى ئازراق تەلەپ قىلىشقا بولامدۇ؟ سۈرەتكە تارتىپ ئىز قالدۇرۇش، يانفوندىكى شەكىلۋازلىقنى ئازايتىشقا بولامدۇ؟ خىزمەت رىتىمىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، بۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئازراق قىلىش، ئەتە ماتېرىيال تەلەپ قىلىش ھادىسىسىنى ئازايىتىشقا بولامدۇ؟ خىزمەت ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپرەك نەتىجە يارىتىشقا، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئاز نەتىجە يارىتىشنى ئازايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئىمكانقەدەر ئۆستۈرۈشكە بولامدۇ؟ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بېسىمىنى ئازايتىشقا بولامدۇ... يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن ھەمدە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  تەييارلىق پۇختا بولسا ئىشلار ئاسان بولىدۇ. بىر ھەپتىدە يەتتە كۈن، ھەر كۈنى كېچە-كۈندۈز توختىماي ئورۇنسىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئازايتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى ھەمراھ بولۇش، ياخشى كۈچ توپلاش، ياخشى ئوقۇپ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئويلىنىش، ئامما بىلەن ياخشى ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش __ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ جىددىي تەلىپى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ