مۇھىم خەۋەرلەر

«زۇكامداپ قالسام ھېچقىسى يوق، توپ مۇسابىقىسى كۆرۈش ھەممىدىن مۇھىم!» بوۋاي ئاسما ئاسقۇزۇپ تۇرۇپ «كەنت لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنى كۆردى

2024.02.19 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  «زۇكامداپ قالسام ھېچقىسى يوق، مۇسابىقە كۆرۈش ھەممىدىن مۇھىم !» چاغان مەزگىلىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھىرى پېيشيەن ناھىيەسىدىكى بوۋاي ئاسما ئوكۇل ئاسقۇزۇپ «كەنت لوڭقىسى»نى كۆردى، تورداشلار «ئۇ ھەقىقىي توپ مەستانىسى ئىكەن» دېدى.

  بۇ يىل چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە شۈجوۋ پېيشيەن ناھىيەسى لۇلۇ بازىرىدىكى چىباباۋ پۇتبول مەيدانىدا ھەر كۈنى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مەيداندىكى توپچىلار قىزغىن مۇسابىقىگە چۈشتى، مەيدان سىرتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، قارىماققا ئانچە كەسپىي بولمىغان ھەم سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىغان يېزا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزىرىدە «كەنت لوڭقىسى» خۇددى «كاتتا يىغىلىش»قا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بايرىمى»غا ئوخشايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ