مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى: چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز ساقچى تارماقلىرىنىڭ شيامېن، جىنمىندىكى دېڭىز تەۋەسىدە دائىملىق قانۇن ئىجرا قىلىش، چارلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايمىز

2024.02.19 13:43 مەنبە: خەلق تورى

  فۇجيەن دېڭىز ساقچى ئىدارىسى، دېڭىز ئۈستىدە قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، شيامىن، جىنمىن دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىملىق قانۇن ئىجرا قىلىش، چارلاپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭغا قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭليەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تەيۋەن تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇق بېلىقچىلىق كېمىسىنى قوپاللىق بىلەن قوغلاپ، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇشقاچنىڭ ھاياتىدەك كۆرۈپ، ئىككى بېلىقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، پوزىتسىيەسى ناچار بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز ساقچى تارماقلىرىنىڭ دائىملىق قانۇن ئىجرا قىلىش، چارلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ئالاقىدار دېڭىز تەۋەسىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بېلىقچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىز بۇنى قەتئىي قوللايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ