مۇھىم خەۋەرلەر

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ساياھىتىدە 474 مىليون ئادەم (قېتىم) ساياھەتكە چىقتى

2024.02.19 13:40 مەنبە: خەلق تورى

  جەمئىيەت بويىچە رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى جەمئىي 2 مىليارد 293 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ 18 - چېسلا مۆلچەرلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ساياھىتىگە چىققانلار 474 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 34.3 ئاشقان، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 19 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئومۇمىي خىراجىتى 632 مىليارد 687 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.3 ئاشقان، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە 2019- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.7 ئاشقان؛ چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار تەخمىنەن 6 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىم، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن چىققانلار تەخمىنەن 3 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىم، چېگرادىن كىرگەنلەر تەخمىنەن 3 مىليون 230 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  2024- يىللىق ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت چاغانلىق توشۇش خىزمىتى مەخسۇس بەنى 18 - چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى جەمئىي 2 مىليارد 293 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى 99 مىليون 460 مىڭ ئادەم قېتىمغا، تاشيولدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 166 مىليون 550 مىڭ ئادەم قېتىمغا، سۇ يولىدا توشۇلغان يولۇچى 9 مىليون 410 مىڭ ئادەم قېتىمغا، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە توشۇلغان يولۇچى 17 مىليون 990 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادىتى بايرام كەيپىياتى ياراتتى، چاغانلىق پانۇس سەيلىسى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويۇنى، بۇتخانا سەيلىسى بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنىڭ چاغاندا ساياھەتكە چىقىشىدىكى مۇھىم تاللىشىغا ئايلاندى، قىزىق مۇزېي داۋاملىق قىزىپ كەتتى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە «كەنت كەچلىكى»، دىراما ۋە ئەلنەغمىلەرنى يېزا - كەنتلەرگە يەتكۈزۈش ، يېڭى يىللىق رەسىم سىزىش پائالىيىتى، كۇتۇپخانىدا چاغان ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن تەخمىنەن 150 مىڭ مەيدان ئۆتكۈزۈلگەن، توردا ۋە تور سىرتىدا تەخمىنەن 669 مىليون ئادەم قېتىم قاتناشقان. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇش قېتىم سانى 16 مىڭ 300 مەيدان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.10 ئاشقان؛ ئويۇننى كۆرگەنلەر 6 مىليون 576 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.71 ئاشقان.

  ساياھەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمال سىجىل ئاشقان. خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجوۋ قاتارلىق جايلاردا ئىسسىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى؛ ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلار مول قار - مۇز بايلىقىغا تايىنىپ ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قار - مۇز ساياھىتى ئىستېمالىنىڭ يېڭى شەكلىنى بېيىتتى. قىزىل ساياھەت چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قىزىپ كەتتى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. نۇرغۇن جايلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى تىرەك قىلىپ، شەھەر، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى ۋە سودا چەمبىرىكىگە قارىتا ئىسسىقلىقتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلار ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ، ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئۆستۈردى.

  (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ كې، جېڭ خەيئوۋ، خەن شىن، لى شىنپىڭ)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ