مۇھىم خەۋەرلەر

چاغاندا بېلەت كىرىمى 8 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

كىنو كۆرگەنلەرنىڭ سانى 163 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى

2024.02.19 13:39 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت كىنو ئىدارىسىنىڭ 18- چېسلادىكى دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2024- يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش (2 - ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 17– كۈنىگىچە) مەملىكەت بويىچە كىنو بېلەت كىرىمى 8 مىليارد 16 مىليون يۈەن، كىنو كۆرگەن ئادەم 163 مىليون بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2023 - يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %18.47 ۋە %26.36 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «ئوتتەك قىزىق»، «ئۇچقاندەك ھايات 2»، «ئېيىق پەيدا بولدى. تەتۈر ۋاقىت – بوشلۇق»، «20 – ماددا» قاتارلىق دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن يېڭى فىلىملەر كىنوخانىلاردا قويۇلدى. بۇ فىلىملەرنىڭ مەزمۇنى ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە، چاغان پۇرىقى گەۋدىلىك بولۇپ، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى كىنو كۆرۈش كەيپىياتىغا ماسلىشىپ، رېئال تۇرمۇشقا بولغان چوڭقۇر كۆزىتىشنى نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان كۈچنى يەتكۈزۈپ، كىنو كۆرۈپ چاغان ئۆتكۈزۈش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى.

  خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كۆپ خىل شەكىلدىكى كىنو كۆرۈش پائالىيىتى كىنو ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كىنو بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. كىنو كۆرۈپ چاغان ئۆتكۈزۈش-- 2024- يىلى چاغانلىق خوت رەقەملىك خەلق پۇلى كىنو ئىستېمالىغا ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، 11 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سېلىنغان رەقەملىك خەلق پۇلى كىنو كۆرۈش ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، ئېتىبار بېرىش چېكى ئېلىش، رەقەملىك قىزىل بولاق ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشى قاتارلىق كىنو ئىستېمالىغا ھەقىقىي ئېتىبار بەردى.

  ساغلام، تەرتىپلىك چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىنو كۆرۈش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، كىنو، نەشر ھوقۇقى، ج خ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە كىنوخانا، نەشر ھوقۇقىنى قوغداش مەخسۇس خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كىنوخانا، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش سىگنال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىنوخانىدىكى كىنولارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ياخشى كىنو بازىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى تەرتىپىنى قوغدىدى.

  چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىنو بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن مەدەنىيەت پۇرىقى قوشتى، خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىنوچىلىق كەسپىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ