مۇھىم خەۋەرلەر

شەكىلۋازلىققا ئوت ئېچىلدى!

جايلار «ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى»نى تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇردى

2024.02.09 01:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكرار يوللانغان جەدۋەللەرنى ئىخچاملاپ، بىرىكتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئۈچۈنلا نازارەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، سانلىق مەلۇمات توسۇقىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم... يېقىندا ئېچىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىنلاردا، نۇرغۇن جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق تەكىتلەندى ۋە خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، مەركەز شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي، ئەمەلىي تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى.

  بۇ يىل 1-ئايدا ئېچىلغان 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق تۈزىتىپ، رەھبىرىي ئورگانلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ ئۆزگەرتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان، ھوقۇق قارىشى بۇرمىلانغان، نەتىجە قارىشى خاتالاشقان مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

  1-ئاينىڭ 29-كۈنى، مەركەز قاتلىمىدا شەكىلۋازلىقنى تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «يۈز-ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، ھۆججەتلەرنى ئىخچاملاپ، يىغىنلارنى ئازايتىش، تەكشۈرۈش جەريانىدىكى مەسىلىلەر ۋە «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېڭى نۇسخىدىكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا خالىغانچە تەدبىر بەلگىلەش، مېخانىكىلىق ئىجرا قىلىش، «ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى» پەيدا قىلىش، قاتلاممۇقاتلام بېسىم ئاشۇرۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قوشۇلدى. نىزامنىڭ كۆپ يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىشتىكى قەتئىي پوزىتسىيە نۇقتىلىق نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ