مۇھىم خەۋەرلەر

شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت جاھىل كېسەللىكنى «بىرىنچى قول رەھبەر» چوقۇم ئۆزى قول تىقىپ تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىشى كېرەك

2024.02.09 01:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان يەرلىك ئىككى يىغىنلاردا، جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەكشۈرۈشكە ھەمراھ بولۇش، يىغىن مەيدانىغا قاتراش، ماتېرىيال يوللاش، جەدۋەل تولدۇرۇشتىن ھەقىقىي تۈردە ئازاد قىلىش، مەسىلە ھەل قىلمايدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق، ماھىيەتلىك مەزمۇنى يوق ھۆججەتلەرنى تارقاتماسلىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلىش ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنىڭ تېخىمۇ قەتئىي ئورتاق تونۇشىغا ئايلانماقتا.

  شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىش مەسىلىسى ئاساسىي قاتلامدا ئۈزلۈكسىز پەيدا بولماقتا. بەزى رەھبىرىي كادىرلار قاتلاممۇقاتلام بېسىم ئاشۇرۇش، ئۆز-ئۆزىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ، يۇقىرىنىڭ ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە ھازىر بار ھالقىلارغا بەزى تەرتىپلەرنى قوشمىسا خىزمەت ئەتراپلىق ئىشلەنمىگەندەك، يېڭىلىق يارىتىش كەمچىل بولغاندەك، مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بولمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام خىزمىتى كونكرېت ھەم مۇرەككەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنمىسا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مۇخبىر مەلۇم جايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ بەردى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار ھۆججەت تارقىتىپ ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن شۇ جاينىڭ تۇپرىقى، كىلىماتى قاتارلىقلار مۇۋاپىق كەلمىگەن، كادىرلار، ئامما بىكار ئاۋارە بولۇپلا قالماي، يەنە سېلىنمىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ كىرىم ئازايغان، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكەن.

  يېقىندىلا ئېچىلغان مەركەز قاتلىمىدا شەكىلۋازلىقنى تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قەرەللىك تەتقىق-تەھلىل قىلىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت جاھىل كېسەللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاشتا مۇھىمى ھەرقايسى ئورۇن، تارماقلارنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»لىرى توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نىشاننى بېكىتمەسلىكى، مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىقى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى يوق ھۆججەتلەرنى تارقاتماسلىقى، «ئىز قالدۇرۇپ نەتىجە ياراتمايدىغان» ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىپ، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ، دەرىجىمۇدەرىجە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ