مۇھىم خەۋەرلەر

ج خ مىنىستىرلىقى: چاغان مەزگىلىدە ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

2024.02.09 01:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغانغا ئاز قالغاندا ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشى كۆپ يۈز بېرىدۇ. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ۋەقە تۇغدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى: چاغاندىن بۇرۇن، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چاغاندىن كېيىن ئۈچ تۈركۈم مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قەتئىي يول قويماي قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك.

  تەلەپكە ئاساسەن، جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ساقچى كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يول تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كېچىدە، يېزىلاردا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قەتئىي يول قويماي قاتتىق تەكشۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشىگە ئەگىشىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئۆزئارا زىيارەت قىلىشىپ، يىغىلىش، ھاراق ئىچىش پائالىيەتلىرى كۆپىيىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش خەۋپ-خەتىرى گەۋدىلىك بولغان. يېقىندا سەنشى، ئەنخۇي، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان بىر قەدەر چوڭ قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور تالاپەت پەيدا قىلغان، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان.

  ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ شوپۇرلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ خەتىرى يۇقىرى، ئۆزى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئۈچۈن «ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك، ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك»نى ئەستە چىڭ ساقلاش، تەلەي سىنىماسلىق، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىق لازىم. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرمۇ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىنى نەسىھەت قىلىپ توسۇشى، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئورتاق رىئايە قىلىشى، بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ