مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ شياۋخۇڭ مەملىكەتلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا «توققۇز ئەمەلىيەت» تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2024.02.09 01:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «توققۇز ئەمەلىيەت» تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋردىكى ج خ پولات قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ج خ خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوشۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ج خ ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىگە قويۇش كېرەك. ساقلانما مىقدارنى ئازايتىش، ئېشىش مىقدارىنى توسۇشتا دىققەتنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. تۈزىتىش بىلەن تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل ساقچى ئىستىلىدا يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، ھەرىكەت تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك. ھوقۇق، ئىش، ئادەم باشقۇرۇش تۈزۈمى، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ