مۇھىم خەۋەرلەر

چوڭ پارتىيەگە خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىش لازىم

___ «توققۇز ئەمەلىيەت» تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە (5)

2024.02.09 01:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ يەنچېڭ شەھىرىگە جايلاشقان يېڭى 4-ئارمىيە خاتىرە سارىيىغا مەخسۇس كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىغا ئويۇلغان «كۆكتات يېيىشتە يېسىۋېلەك يۈرىكى يېيىش، ئەسكەر بولۇشتا يېڭى 4-ئارمىيە بولۇش» توغرىسىدىكى خەلق قوشاقلىرىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئارمىيە-خەلق بىرلىشىپ دېڭىز توسمىسىنى ئورتاق ياساش ھېكايىسى خاتىرىلەنگەن سۇڭگۇڭ ئابىدىسى خاتېرىلەنگەن... باش شۇجى شى جىنپىڭ پات-پات توختاپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، «يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئەل رايىنىڭ مايىل بولۇش-بولماسلىقى تارىخنىڭ تاللىشىنى بەلگىلەيدۇ، ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر» دەپ تەكىتلىدى. خەلقنى باشتىن-ئاخىر پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش __ پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش جاسارىتى، غەيرىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مەنبەسىدۇر. چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولغاندىلا ئاندىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسى، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشنى كۈچلۈك سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت ھەم بىزنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئەۋزەللىكىمىز ھەم بىزنى پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا نۇرغۇن ئۆزگىچە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلتۈرىدۇ. قانداق قىلىپ باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قانداق قىلىپ باشتىن-ئاخىر ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قانداق قىلىپ باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ھازىرلاش، قانداق قىلىپ باشتىن-ئاخىر ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىنى ساقلاش، قانداق قىلىپ باشتىن-ئاخىر ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش، قانداق قىلىپ باشتىن-ئاخىر ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاش بىزنىڭ بۇ چوڭ پارتىيەمىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك خاس قىيىن مەسىلە. 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «توققۇز ئەمەلىيەت» تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىش»نى تەكىتلىدى. چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، ئۈزۈل-كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ-كۆزىتىش كۈچلۈك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەخپىي نومۇرنى ئېچىپ بەردى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم قىيىن جەريان. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، بىز چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا نۇرغۇن رېئال ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، بەزى كونا مەسىلىلەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى باشتىن-ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن، سەللا بوشاڭلىق قىلساق قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ، پارتىيە دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، ھەم دائىم بوشاشماي تۇتۇش ھەم مەركەزلىك كۈچەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، پاكلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ساغلاملىقىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، رەڭگى، پۇرىقىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، مەزمۇن جەھەتتە تولۇق قاپلاش، ئوبيېكت جەھەتتە تولۇق قاپلاش، مەسئۇلىيەت جەھەتتە تولۇق زەنجىر بولۇش، تۈزۈم جەھەتتە تولۇق تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىجادچانلىققا باي بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ