مۇھىم خەۋەرلەر

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2024.02.09 01:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېررورىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بارلىق دۆلەت ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىرىس بولۇپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

  يېقىندا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئۇسۇللىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنچىللىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي نەتىجە-ئۈنۈمنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تېررورىزم زورلۇق ئىشلىتىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي مال-مۈلكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى مەقسىتىگە يېتىش تەشەببۇسى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاققىچە تېررورىزمنىڭ رېئال تەھدىتىگە دۇچ كەلدى، تېررورىزم دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت پەيدا قىلدى. جۇڭگو ئەزەلدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن-تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنچىللىق يولى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغداپ، دۇنيا ۋە رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھازىرقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. جۇڭگودا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى بېكىتىش ئېنىق، جازالاش قېلىپلاشقان بولۇپ، قانۇندا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى بېكىتىش ۋە جازالاش ئۆلچىمى ئېنىق بەلگىلەنگەن، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ خەۋپ دەرىجىسىگە قاراپ مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىلەن جىنايى ئىشلار جىنايى قىلمىشىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئوخشاشمىغان قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلەنگەن. جۇڭگو تېررورلۇق ھەرىكىتى دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تاشقى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، نازارەتچىلىك يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ھوقۇقنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەم پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، باشقا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر، شۇنىڭدەك گۇماندار، جاۋابكار ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو قانۇن بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورىزمنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى يوقىتىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ