مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن مەركەز قاتلىمىدا شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۈچ تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2024.02.09 01:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەركەز قاتلىمىدا شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۈچ تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

  1. خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھىرىگە قاراشلىق سۇڭزى شەھىرى شۈيجېن بازىرىدىكى بەزى كەنت كادىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەپ دېتالى، خىزمەت توپىدا كارتا سۈركەپ يوقلىمىدىن ئۆتۈش، ئۆگىنىش، ئىز قالدۇرۇش يۈكى ئېغىر بولغان. خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھىرىگە قاراشلىق سۇڭزى شەھىرى شۈيجېن بازىرىدىكى بەزى كەنت كادىرلىرىنىڭ يانفونىدا بەش ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەپ دېتالى، 26 خىزمەت توپى بولغان، قىسمەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەپ دېتالىدا ئۆگىنىش ۋاقتى ۋە ئۆگىنىش جەملىمە نومۇرى بەلگىلەنگەن، ھەر كۈنى ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەپ دېتالىغا كارتا سۈركەپ يوقلىمىدىن ئۆتكەن، ئۆگىنىش قىلغان، كۈندىلىك خىزمەتلەردە تۈرلۈك خىزمەت توپىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا جاۋاب قايتۇرغان، يەنە خىزمەت توپلىرىدا تۈرلۈك ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەرنى يوللاش تەلەپ قىلىنغان. كەنتتە ھەر ئايدا بىر قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈلگەن، بازاردىكى كىچىك ئاشخانا، كىچىك دۇكانلارنى تەكشۈرگەن ھەمدە سۈرەتكە تارتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەپ دېتالى ياكى خىزمەت توپىغا يوللىغان، يەنە جەدۋەل تولدۇرغان، بۇ ئىش كەنت كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

  2. ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرى دىڭيۈەن ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت»تە ئۆگىنىش، ئىشلىتىشتە جەملىمە نومۇرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ سۆھبەتلىشىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قارشىلىشىش كەيپىياتىنى قوزغىغان. 2023-يىل 8-ئايدا، ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرى دىڭيۈەن ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت»تىكى جەملىمە نومۇردا نەتىجىسى ئارقىدا قالغان كۇرسانتلار بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەزكۇر ئىدارىدىكى 28 پارتىيەلىك كادىردىن پەقەت 18 ىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، باشقا خادىملارنىڭ ئۆگىنىش تەشەببۇسكارلىقى كۈچلۈك ئەمەس، دەپ قاراپ كۈندىلىك ئۆگىنىش نومۇرى 30 دىن يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىدارە يەنە ئىچكى قىسىمدىكى خىزمەت توپىدا «ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت»تىكى ھەر ھەپتىلىك جەملىمە نومۇر رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى 6 ۋە كېيىنكى 6 نەپەر كۇرسانتنىڭ ئىسىملىكىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، بۇنداق ئۇسۇل پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى نورمىدىن سىرت ئاشۇرۇۋەتكەن.

  3. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش (قۇرغاق ئېتىزلارنى سۇلۇق ئېتىزغا ئۆزگەرتىش) تۈرى ئىلمىي بولمىغان، قالايمىقان تۈر باشلاپ يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرۇلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشىدىكى قىسمەن جايلار تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى سودا باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سۇلۇق ئېتىز كۆرسەتكۈچىنى زىيادە قوغلىشىپ، سۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىماي ئىجتىمائىي كاپىتالنى كىرگۈزۈپ تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش (قۇرغاق ئېتىزلارنى سۇلۇق ئېتىزغا ئۆزگەرتىش) تۈرىنى يولغا قويغان، بەزى شەھەرلەر 280 مىڭ مو كۆلەمنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان، بەزى شەھەرلەر 530 دىن ئارتۇق تۈر تۇرغۇزغان، يەنە بەزى ناھىيەلەر ئۇنى «1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» قىلىپ، 16 كارخانا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلىغان، ئىش باشلانغان كۆلەم 89 مىڭ موغا يەتكەن. كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش نەتىجىسىدە، قىسمەن قۇرغاق ئېتىزلارنى سۇلۇق ئېتىزغا ئۆزگەرتىش تۈرلىرى كېيىنكى مەزگىلدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمەسلىك، سۇغىرىش سۇ مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزىلىرىگە بىنەم يەر زىرائەتلىرى قايتا تېرىلغان، بەزىلىرى تېرىلماي تاشلاپ قويۇلغان، ھوسۇل يىغىۋېلىنماي تاشلاپ قويۇلغان، ئاق تاشلاپ قويۇلغان، ھەتتا بەزىلىرىگە كۆلچەك كولاپ باقمىچىلىق قىلىنىپ، «يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلمەسلىك»، «ئاشلىق تېرىشقا ئىشلىتىلمەسلىك» قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. 2023-يىل 6-ئايغىچە، گۇاڭشىدىكى 101 قۇرغاق ئېتىزلارنى سۇلۇق ئېتىزغا ئۆزگەرتىش تۈرىنى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بەلگە سېلىپ قايتۇرۇۋەتكەن، تەكشۈرۈپ كېمەيتىلگەن سۇلۇق ئېتىز كۆرسەتكۈچى كۆلىمى تەخمىنەن 47 مىڭ 100 مو بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇلۇق ئېتىز كۆرسەتكۈچىنىڭ تېز ئېشىشى ۋە كۆرسەتكۈچ سودىسى بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى كۆرسەتكۈچ سودىسىنىڭ قىيىن بولۇشىنى، كارخانىلارنىڭ پۇل قايتۇرۇشىنىڭ ئاستا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بەزى ناھىيىلەردە ئىجارە، ئىش ھەققىنى بېرەلمەسلىك، قەرز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.

  يۇقىرىقى تىپىك مەسىلىلەر بەزى جايلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش ئېڭىنىڭ دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەسلىكى، «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق» مەسىلىسىنىڭ يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكى، مەجبۇرىي چۈشۈرۈش، نومۇر جەملەپ كارتا سۈركەش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش داۋامىدا ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرمەي، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىماي، نوقۇل سۇلۇق ئېتىز كۆرسەتكۈچىنى قوغلىشىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ تۈزىتىش-تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تىرىشىپ كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ