مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جەنۇبىي قۇتۇپ خەلقئارا قائىدىسى ۋە تەرتىپىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ

2024.02.08 11:14 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 7-فېۋرال رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىد : جۇڭگو 7-فېۋرال رۇس دېڭىزى ئەتراپىدىكى بەشىنچى جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتىنى رەسمىي قۇردى، بۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئورنى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتا ئەۋزەللىككە ئىگە، جۇڭگو ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاخبارات بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىشىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن: جۇڭگو «جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى»نى كېڭەشكۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر «جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى» سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جەنۇبىي قۇتۇپ خەلقئارا قائىدىسى ۋە تەرتىپىگە تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپقا بولغان ئىلمىي تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىنى سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ تىنچلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ