مۇھىم خەۋەرلەر

كۆڭۈل بۆلۈڭ | دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىنىش دېلوسىنى ئاشكارىلىدى

2024.02.08 11:13 مەنبە: خەلق تورى

  سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقىتىپ، چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچى ئىسيان كۆتۈرۈپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۈشكۈرتىلگەن، كېيىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان ھەقىقىي دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققاندا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۈندىدار سالونىدا 7-چېسلا «ھەقىقىي دېلو مىسالى| چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جاڭ فامىلىلىك، چېگرا سىرتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە تارتىلىپ، ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتىلىپ، جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو مىسالىنى بايان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جاڭ فامىلىلىك 2006-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولۇپ، بىر يىل جاپالىق تىل تەييارلىق كۇرسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن مەلۇم دۆلەتتىكى رەت تەرتىپى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپكە كىرگەن. چۈنكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، جاڭ فامىلىلىك سىنىپ باشلىقى بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا مەسئۇل بولغان ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ رەھبىرى كەيدىنىڭ «ئىلتىپات»ىغا ئېرىشكەن، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئىككىيلەنمۇ شۇ سەۋەبتىن كونا دوستلاردىن بولۇپ قالغان.

  جاڭ فامىلىلىك ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەلۇم بىر كۈنى، كەيدىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۆزىنى ئېكسون، ئېسىن دەپ ئاتىۋالغان ئىككى چەت ئەللىك بىلەن تونۇشقان. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ئىككى كىشى جاڭ فامىلىلىكنى بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلىشقا باشلىغان، يەنە جاڭ فامىلىلىككە كۆپ ھەق بېرىشكە ماقۇل بولغان. پىكىر ئالماشتۇرۇش ئالاقىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ جاڭ فامىلىلىككە قويغان تەلىپىمۇ، بارغانسېرى كۆپەيگەن، تەلەپ قىلغان ئۇچۇرلارمۇ بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ كەتكەن. مەلۇم بىر قېتىم ئىككىيلەن جاڭ فامىلىلىككە تەلەپ قويغاندا، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە بۇ دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرگەن ھەمدە جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئىلگىرى تەمىنلىگەن سەزگۈر ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق تەھدىت قىلىپ، جاڭ فامىلىلىكنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىغا كىرىشىنى تەلەپ قىلغان. چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ پۇل ئارقىلىق قىزىقتۇرۇشى ۋە تەھدىت سېلىشى بىلەن، جاھان كۆرمىگەن جاڭ فامىلىلىك ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلىشىغا ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ياغاچ قونچاققا ئايلىنىپ قالغان.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جاڭ فامىلىلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جۇڭگوغا قايتماقچى بولغاندا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تەلەپ قىلغان «بارلىق دەرسلەرنىڭ نەتىجىسى چوقۇم A» بولۇشتەك ئاساسىي تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەي، ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە توختىغان. كەيدى جاڭ فامىلىلىكنى يەنە بىر قېتىم ئىزدەپ، جاڭ فامىلىلىككە ئۆزىنىڭ نەتىجە قەغىزىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، ھەتتا بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىپ، جاڭ فامىلىلىكنى دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم پەن تەتقىقات ئورنىغا كىرىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. ئالماشتۇرۇش سۈپىتىدە، جاڭ فامىلىلىك ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئېكسون، ئېسېننىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا داۋاملىق ماسلىشىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. مەنپەئەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئالدىدا، جاڭ فامىلىلىك ئاخىرى بويسۇنۇشنى تاللىغان، جىنايەتنىڭ چوڭقۇر ھاڭىغا ئۈزۈل كېسىل چۈشۈپ كەتكەن. قارشى تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا، جاڭ فامىلىلىك ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئارزۇسى بويىچە مەلۇم پەن تەتقىقات ئورنىغا كىرىپ خىزمەت قىلغان ھەمدە خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەتدېشىنىڭ كومپيۇتېرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئارخىپلىرىنى ئوغرىلىغان؛ ياكى خىزمەتداشلىرىغا ياردەملىشىپ كۆيدۈرۈۋېتىش ئالدىدا تۇرغان مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ماتېرىياللارنى رەتلىگەندە، چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى قىزىقىدىغان ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىقچە يوشۇرۇپ قويغان.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ ئاخىرىدا چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، جۇڭگونىڭ پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ فامىلىلىكنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىنى ۋاقتىدا بېكىتتى ھەمدە ئۇنى قانۇن بويىچە تەكشۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا، جاڭ فامىلىلىك جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىدى.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: چېگرا سىرتىدا ئوقۇش، چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەزگىلدە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر خىل يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سۇيىقەستنى ۋاقتىدا بايقاش، چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەر خىل ئۆزىگە تارتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ