مۇھىم خەۋەرلەر

كارخانىلار نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورت كەسپىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

2024.02.08 11:11 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ بۈگۈن سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، سودا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى بىرلىكتە نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورتىغا ئالاقىدار تەلەپ ۋە تەرتىپلەرنى تۈزۈپ چىقتى.

  بۇنىڭ ئىچىدە ئېنىق قىلىپ، نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورت كارخانىلىرى نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورت كەسپىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشى، مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك؛ كارخانا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ «يول موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلات ئېلانى»غا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك؛ ئۆز كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشى كېرەك؛ كارخانا قانۇنلۇق، بەلگىلىمە بويىچە تىجارەت قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ئاسراش، باج، تاموژنا ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛ قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەتمىگەن، تۈزەتمىگەن ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى يوق بولۇشى كېرەك. ئوبوروت كارخانىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك، مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك؛ مۇقىم تىجارەت ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىللارنى كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش سورۇنىغا ئىگە بولۇش، ئاپتوموبىل سېتىش ياكى سودا تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك؛ نىمكەش ئاپتوموبىلنى باھالاپ بېكىتىش، باھالاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇش، ئاز دېگەندە ئۈچ نەپەر باھالاپ بېكىتىش، باھالاش كەسپىي خادىمىنى ياللاپ ئىشلىتىشى كېرەك؛ كارخانا قانۇنلۇق، بەلگىلىمە بويىچە تىجارەت قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ئاسراش، باج، تاموژنا ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا ئۇيغۇن كېلىشى، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەتمىگەن، تۈزەتمىگەن ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى يوق بولۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ