مۇھىم خەۋەرلەر

بېيجىڭ گۇاڭجوۋنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، زاپاس بېلەت ئىلتىماس قىلىدىغان ئەڭ قىزىق شەھەر بولۇپ قالدى

2024.02.08 11:10 مەنبە: خەلق تورى

  7-چېسلا قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىدىغان ئادەم قېتىم سانى داۋاملىق يۇقىرى ھالەتنى ساقلىدى. زاپاس بېلەت ئىلتىماس قىلىدىغان قىزىق لىنىيەلەردىمۇ بۈگۈن بەزى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، زاپاس بېلەت ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ قىزىق يولغا چىقىدىغان شەھەر بولۇپ قالدى، بېيجىڭدىن چاۋياڭ، چىفېڭ، خاربىن، جېڭجوۋ، لىنفېن، شىنياڭ، ئەنياڭدىن ئىبارەت بۇ يەتتە شەھەرگە بارىدىغان زاپاس بېلەت ئەڭ قىس بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ جېڭجوۋ، ۋۇخەن، جۇكوۋ، شاڭچيۇ قاتارلىق ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان زاپاس بېلەتلەرمۇ بىرقەدەر قىس بولدى.

  يىللىق ئۆتكەل يېقىنلىشىپ قالدى، بىز كەڭ يولۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز بېلىتىدىن باشقا، يەنە تۆمۈر يول 12306دىكى لىنىيە ئالمىشىش لايىھەسىنى تاللاپ، بىرىكمە پويىز بېلىتىنى تاللاپ پويىزغا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان سەپەرگە چىققان يولۇچىلار ئىچىدە، تەخمىنەن ھەر يەتتە يولۇچىنىڭ بىرى بىرىكمە بېلەت ئارقىلىق مېڭىپ، پويىز ئالمىشىپ يۇرتىغا قايىتدىكەن. چاغاندا قايتىدىغان پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى، نۆۋەتتە تۆمۈر يول 12306دا سېتىلغان پويىز بېلىتىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، چاغاننىڭ 3- كۈنىدىن باشلاپ كۆپچىلىكنىڭ قايتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى يېتىپ كەلدى، چاغاننىڭ 6- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت، ئەڭ زىچ ۋاقىت بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ بۇنىڭ ئىچىدە چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنى قايتىش بېلىتىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان كۈن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ