مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە قىممىتى بار بىر تۈركۈم سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2024.02.08 10:46 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا مەركەزنىڭ 2024-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېيدۇڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  تىرىشىپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش

  بۇ يىل مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى «ئىككىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئۈچنى ئۆستۈرۈش، ئىككىنى كۈچەيتىش» دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. «ئىككىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»، يەنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ «ئۈچنى ئۆستۈرۈش»، يەنى يېزا - كەنت كەسىپ تەرەققىياتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ «ئىككىنى كۈچەيتىش»، يەنى پەن - تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاق ئارقىلىق قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  خەن ۋېنشيۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىشان يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يېتەكچىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ۋەزىپە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، يىللىق خىزمەت ۋە باسقۇچلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاراتمىلىق ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا، دېھقان ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سىياسەت ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  ھۆججەتتە ھالقىلىق نۇقتىدىن باشلاپ قول سېلىنىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا قارىتا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم قىممىتى بار سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كۆرسىتىلدى.

  ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا قارىتا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇن. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا قارىتا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن ۋېنشيۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تىك يۆنىلىشتە، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. بۇ يىل ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، ئەنخۇي، خېنەن قاتارلىق ئاشلىق يۆتكەش مىقدارى كۆپ بولغان بەش ئاساسلىق ئۆلكىدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. توغرا يۆنىلىشتە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش رايونلىرىدا ئۆلكىلەر ئارا توغرا يۆنىلىشلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، ھازىر ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. كەسىپ جەھەتتە، كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، ناھىيەلىرىنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا-كەنتلەر گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. «<مىڭ، ئون مىڭ قۇرۇلۇشى>دىكى مۇھىم تەجرىبە كەسىپنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى جۇ ۋېيدۇڭ تونۇشتۇرۇپ. بۇ يىل مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي زىرائەت، يەم - خەشەك بىرتۇتاش پىلانلانغان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقتىن ئىبارەت كۆپ خىل كەسىپ تەڭ تۇتۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش تۇتاشتۇرۇلغان، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  جۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل باھار بايرىمىدا نۇرغۇن جايدىكى يېزا-كەنت ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرىنىڭ زاكازى ئۈزۈلمەي، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمالنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. يېڭى ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارى، يېزا-كەنتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئورمان ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، ئىستىراھەت دالىدا قونۇش قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، بىر ئىشنى قىلسا، بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشجۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ. مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، بىر ئىشنى قىلسا، بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

  يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، جۇ ۋېيدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مائارىپ جەھەتتە، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولغان يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېزا مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش جەھەتتە، داۋالاش بايلىقىنى يېزا-كەنتلەرگە مايىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، كەنت شىپاخانىلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن نۇقتىدا باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش كېرەك. ياشانغاندا كۈتۈنۈش جەھەتتە، يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش، ئۇزاق مۇددەت تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش»تىن ئىبارەت رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك.

  بۇ يىل مەركەزنىڭ1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرگە كىرىپ ماكانلاشقان دېھقانلارنىڭ يېزىلاردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ناھىيە، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. «شەھەرگە كىرگەنلەرنى ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈش، يېزىدا قالغانلارنى راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەپ، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك» دېدى جۇ ۋېيدۇڭ.

  خەن ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى باسقۇچتا دۆلىتىمىز يېزا-كەنتلىرىدە نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىدىيە، مەدەنىيەت قارىشى، ئەنئەنىۋى يۇرت تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بۇ يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن ۋېنشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئوخشاشلا ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش ، ھادىسىدىنمۇ ۋە ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككى قولدا قاتتىق تۇتۇش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئەلا سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق، ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، يېزىلاردا مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ