مۇھىم خەۋەرلەر

گۇاڭشى زامانىۋى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى

2024.02.07 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  ئۆز مۇخبىرىمىز دېڭ جيەنشېڭ

  شېكەر قومۇش تېرىلغۇ كۆلىمى، شېكەر مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. گۇاڭشى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ شېكەر ماتېرىياللىرى بازىسى ۋە شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون. ھېسابلىنىدۇ

  2021- يىل 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى گۇاڭشىنىڭ باغ - ئورمانچىلىق، كۆكتات، چارۋا شېكىرى قاتارلىق خاس بايلىقلارغا قويۇپ، بىر تۈركۈم خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. 2023- يىل 12- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭشىنىڭ باغ - ئورمانچىلىق، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، چارۋا شېكىرى قاتارلىق خاس بايلىقلىرىنىڭ مول ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك ماركىسىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېچىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش، سۇچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تېرىقچىلىقنى سورتلاشتۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە، بەش مىليون مولۇق «قوش يۇقىرى» شېكەر ماتېرىياللىرى، قومۇش بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شېكەرچىلىك ئايلانما ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  گۇاڭشىنىڭ لەيبىڭ شەھىرى فېڭخۇاڭ بازىرىدىكى دۆلەتلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى خۇاڭئەن سۈپەتلىك «قوش يۇقىرى» (ھوسۇللۇق، قەنت تەركىبى يۇقىرى) قۇمۇش بازىسىدا، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار ئۇياق - بۇياققا چېپىپ، لىق شېكەر قۇمۇشى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

  ھازىر شېكەر قومۇشى تېرىش خاتىرجەم، قولايلىق، كىرىمى مۇقىم. فېڭخۇاڭ بازىرى خۇاڭئەن كەنتىدىكى شېكەر قومۇشى ئۆستۈرگۈچى دېھقان مو چۇڭشۈ مۇنداق دېدى: «قوش يۇقىرى» شېكەر قومۇشى بازىسىنىڭ كۆلىمى 13 مىڭ مو، كەنتتىكى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى پۈتۈن مۇساپىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويىدۇ، شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانلار پەقەت دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت تەننەرخ ھەققى ۋە ئادەم كۈچى ھەققىنىلا ئۈستىگە ئالىدۇ، ئائىلىمىز 45 مو يەرگە شېكەر قومۇشى تېرىدى، ھەممىسى گۇاڭشى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەن، قەنت تەركىبى يۇقىرى، مو بېشى ھوسۇلى يۇقىرى، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 300 توننىدىن ئاشىدۇ. شېكەر زاۋۇتى ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ ھەر توننىسىنى 580 يۈەندىن سېتىۋالدى، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇ پەسىللىك ساپ كىرىم 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

  خۇاڭئەن كەنتىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا كۈنىگە 10 مىڭ توننىغا يېقىن شېكەر قومۇشى سىقىپ چىقىرىدىغان، يىلىغا تەخمىنەن 100 مىڭ توننا ئاق شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ تىپتىكى شېكەر ئىشلەش كارخانىسى- گۇاڭشى لەيبىن دۇڭتاڭ سۇمۇرغ چەكلىك شىركىتى بار. باش مۇدىر لى جۈنگۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى جابدۇقلارنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كېرەكسىز داشقال، كېرەكسىز سۇيۇقلۇقنى %100 ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى: قومۇش تىرىپىسىدىن ئەلا سۈپەتلىك قەغەز بوتقىسى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئىشخانا قەغىزى ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان قاچا - قۇچا ئىشلەپچىقاردى؛ كېرەكسىز شېكەر ياسالغان قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئېچىتقۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى قىلىپ ياسىدى؛ سۈزۈلگەن لاينى بىۋاستە ئېتىزغا قايتۇردى ياكى بىرىكمە ئوغۇت قىلىپ ياسىدى... لى جۈنگۇي مۇنداق دېدى: ھەر خىل ئۆلچەمدىكى شېكەردىن باشقا يەنە 30 نەچچە خىل تۇغۇندى مەھسۇلات ئىشلەپچىقاردۇق.

  قومۇش شېكىرى كەسپى گۇاڭشىنىڭ زامانىۋى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. گۇاڭشىدا يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ياخشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاسلىقنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، داڭلىق ماركا يارىتىشقا كۈچەپ، قومۇش شېكىرى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىق بىر تۈركۈم زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى توپىنى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە داڭلىق «شېكەر قۇتىسى»، «كۆكتات سېۋىتى»، «مېۋە تەخسىسى»گە ئايلاندى.

  ھازىر گۇاڭشى سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، ماركا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى خۇاڭ جىيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گۇاڭشى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىسسىق بەلباغ زىرائەتلىرى سورت بايلىقى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق پەن تەتقىقات كۈچلىرىگە تايىنىپ، گۇاڭشىدا دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق بايلىقى ئامبىرىدىن توققۇزى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى؛ گۇاڭشىنىڭ يېزا ئىگىلىك داڭلىق ماركا مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، گۇاڭشىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۇندەرىجىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى) بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاممىۋى ماركىسىدىن 2500 نەچچىسى بار.

  2023- يىلى، گۇاڭشى يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى پوسۇلكىسىدىن 300 مىليونغا يېقىن ئەۋەتتى، مال قىممىتى 21 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. «گۇاڭشىنىڭ ئاق شېكىرى»، «بەيسې مانگو» قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى گۇاڭشى داڭلىق يېزا ئىگىلىك ماركىسى جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى

  مىنىدا ياڭرىماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ