مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «چاغان مەزگىلىدە تويلىشىشنى تىزىملاش، دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» يېقىندا تارقىتىلغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەر دەرىجىلىك نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش ئورگانلىرى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ھارپا كۈنى نورمال كەسىپ بېجىرىدۇ.
ئامما تويلىشىشنى تىزىملاشنى ئالدىن كېلىشىپ قويسا بولىدۇ، ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلى تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىش ۋە توردا ئالدىن كېلىشىش دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەم توپلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ 2 كۈندىن 30 كۈنگىچە (خىزمەت كۈنى) بۇرۇن مەملىكەت بويىچە ئۆيلىنىشنى تىزىملاشنى ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمەت سۇپىسىغا چىقىپ، توردا ئالدىن كېلىشىپ تىزىملىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كومپيۇتېردا ئالدىن كېلىشىش تور ئادرېسى: http://117.190.88.16:121/appointment.html
يان تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىش تور ئادرېسى: http://117.190.88.16:8063/index.html#/
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ