مۇھىم خەۋەرلەر

«قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان خادىم» ۋاڭ گوچىڭنىڭ قەرز پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى

2024.02.01 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  2024-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان خادىم» ۋاڭ گوچىڭنىڭ قەرز پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى.

  ۋاڭ گوچىڭ 2020- يىل 2-ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، شۇ يىلى 11-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن قىزىل رەڭلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان، 2022-يىل 11-ئاينىڭ 13-كۈنى سىپرۇس ساقچىلىرى تەرىپىدىن شۇ جايدا قولغا ئېلىنغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن، دۆلىتىمىزنىڭ سىپرۇس بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن جىنايەت گۇماندارى. ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشىگە ئاساسەن، ۋاڭ گوچىڭ شەنشىدىكى مەلۇم مۇھىت ئاسراش پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى. 2009-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ۋاڭ گوچىڭ باشچىلىقىدىكى جىنايەتچىلەر گۇرۇھى، بانكا مەبلىغىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەمەلىي شىركەت بىلەن «قۇرۇق شىركەت» ئۆزئارا كېپىل بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى، مەبلەغ ئوبوروتى، سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى قاتارلىق قەرز پۇل ماتېرىياللىرىنى يالغاندىن ياساپ، بانكىدىن زور سوممىلىق قەرزنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بانكىغا ئالاھىدە ئېغىر زىيان سالغان. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى، جاۋابكار ۋاڭ گوچىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، ئالاقىدار گۇۋاھچىلار، ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەردى. ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يۈزلەشتۈرۈلۈپ، تولۇق پىكىر بايان قىلدى. ۋاڭ گوچىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايانىنى قىلىپ سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت ئاخىرىدا سوتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ۋاقىتنى تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  جاۋابكار ۋاڭ گوچىڭنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى، سىپرۇسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ