مۇھىم خەۋەرلەر

تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشنى قانداق تېزلىتىش كېرەك (سىياسەتتىن سوئال - جاۋابلار. 2024- يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى مۇنداق بولىدۇ)

2024.01.10 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  تاشقى سودا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك.» 2024- يىلى، تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشنى قانداق تېزلىتىش كېرەك.

  تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى بازارغا چېتىلىدۇ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇستەھكەملەشتە ، ئالدى بىلەن ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك ئەمەس، بۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كەلگەن تاشقى ئېھتىياجنىڭ سىجىل ئاجىزلىشىشى تاشقى سودا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلاندى. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شىڭچيەن مۇنداق قارىدى: «بىز تاشقى سودا تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا تولۇق توغرا قارىشىمىز كېرەك، لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، مۇقىملىققا قاراپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بەزى ئاكتىپ ئامىللار ئۈزلۈكسىز توپلىنىۋاتىدۇ.

  كونكرېت ئېيتقاندا، يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى كەسىپنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، «يېڭى ئۈچ خىل»، ئېنېرگىيە ساقلايدىغان مەھسۇلات قاتارلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەھسۇلاتلار دۇنيا ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چەت ئەل ئىسكىلاتى، باجدىن خالىي رېمونت قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. جۇڭگو تاشقى سودىسى ئۇزاققىچە توختاۋسىز يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەۋرىشىملىككە تولغان مەھسۇلات تەمىنلەش زەنجىرىگە ئىگە بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى داۋاملىق كۈچلۈك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتە، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تۇتۇش كېرەك. لى شىڭچيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو ئۇدا 12 يىل دۇنيا بويىچە ئارىلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، ئارىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تاشقى سودىغا قوشقان تۆھپىسى % 60 كە يېقىنلاشتى. ئارىلىق مەھسۇلاتلار سودىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا سودا تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىش ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش تەدبىرى. سودا ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىق رىشتىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۇلارنىڭ ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رېئال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى جۇ سىچياۋ مۇنداق قارىدى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور، تۈرتكىلىك رولى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئايلانماقتا. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتتا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 7 تىن ئېشىپ، ئاساسىي گەۋدىسى 100 مىڭدىن، مۇستەقىل پونكىتى 200 مىڭدىن، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا چەت ئەلدىكى ئىسكىلات 1500 دىن ئېشىپ، كۆلىمى 19 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېقىنلاشتى.

  لى شىڭچيەن مۇنداق دېدى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، باج، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى، ساھە تەشكىلاتى ۋە كارخانا قاتارلىقلارنىڭ «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى»غا پائال قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

  تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتە، يەنە سودىنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇستەھكەملەپ، سودىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سودا مىنىستىرلىقى جايلار، تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە قارىتا، يېڭى سىياسەت - تەدبىرلەرنى زاپاس ساقلاشنى تەتقىق قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ