يولداش گەن كۇ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

جاۋ لېجى يىغىنغا قاتناشتى

2024.01.09 09:19 مەنبە: خەلق تورى

  يولداش گەن كۇ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە يىغىندىن بۇرۇن يولداش گەن كۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يولداش گەنكۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇاڭزۇ خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، ئۇ ئىلگىرى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىدا يولداش گەن كۇنىڭ شانلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە ئىنتىلىدىغان كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكى، ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان باش مەقسەت ئېڭى، توختىماي كۈرەش قىلىدىغان ئالىيجاناب روھى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، پاك-دۇرۇس بولۇش، ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەشتەك شانلىق خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ چىڭخۇا سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ