مۇھىم خەۋەرلەر

سىچۈەن يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك «تيەنفۇ ئاشلىق ئامبىرى» بەرپا قىلدى

2024.01.10 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022 - يىل 6 - ئايدا سىچۈەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، بۇ ئاشلىق چىقىدىغان گۆھەر يەرنى ياخشى قوغداپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ، پۇختا تۇتۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 2023 - يىل 7 - ئايدا سىچۈەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۇرۇق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتلىك ئۇرۇق ۋە سۈپەتلىك ئېتىزلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك «تيەنفۇ ئاشلىق ئامبىرى» بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىچۈەندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك «تيەنفۇ ئاشلىق ئامبىرى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا يەلكىسى ئاپتوماتىك ھالدا ساقلاش ساندۇقىنىڭ تاياقسىمان كودىنى پەرقلەندۈرۈپ، تاللاش ۋە قۇرۇتۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان ياۋا شال ۋە ئەلا سۈپەتلىك شال ئۇرۇقىنى نۆلدىن تۆۋەن تۆت سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئوتتۇرا مەزگىللىك ئامبار ياكى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئۇزاق مۇددەتلىك ئامباردا ساقلايدۇ . . . بۇ يەر پات ئارىدا ئىشلىتىلمەكچى بولغان سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گېرمپلازما بايلىقى مەركىزىي ئامبىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق 1 مىليون 800 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق گېرمپلازما بايلىقىنى ساقلىيالايدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ساقلاش ۋاقتى 50 يىلغا يېتىدۇ.

  سىچۈەن ئۆلكىسى گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇرۇقچىلىق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى ئىچىدىكى ئەلالىرىنى يۆلەش، ئۇرۇقچىلىق بازىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇرۇقچىلىق بازىرىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىق بەش چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق چوڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇرۇقچىلىقتا كۈچلۈك ئۆلكىگە ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى. «سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 2025- يىلىغا بارغاندا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ كۆلىمى 700 مىڭ مودىن، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 300 مىڭ مودىن ئاشىدۇ.

  2023- يىلى تۇنجى قېتىم كادمىي جۇغلانمىسى تۆۋەن بولغان ئىككى شال سورتى، ئىككى ئارىلىققا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان سېرىق پۇرچاق سورتى، بىر كومبايىندا يىغىۋېلىنىدىغان مەخسۇس كۆممىقوناق سورتى قاتارلىق كۆپ خىل يېڭىلىق يارىتىلغان سورتلار تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى؛ پۇراقلىق ئەلا سۈپەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى شال «يىشياڭيۇ 2115 – يىلى» ئۇدا تۆت يىل چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردا كېڭەيتىلگەن كۆلەمنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى، «چۈەندەن 99» قاتارلىق يېڭى كۆممىقوناق سورتلىرى غەربىي جەنۇب رايونىدىكى يېتەكچى سورتقا ئايلاندى... سىچۈەن ئۇرۇقچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  مېيشەن شەھىرى يەر باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە كەلگەندە، خىزمەتچى خادىملار خەرىتىدىكى خالىغان بىر كاتەكچىنى چەكتى، چوڭ ئېكراندا ماس توردىكى سۈنئىي ھەمراھ تېلېتېخنىكىلىق تەسۋىر خەرىتىسى ھەمدە تېرىلغۇ يەرنىڭ سانى، سۈپىتى، يەر باشلىقى قاتارلىق ھەرىكەتچان ئۇچۇرلار كۆرۈندى. «سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، تەۋەلىكتىكى تېرىلغۇ يەرنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى»، دېدى مېيشەن شەھىرى يەر باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەر پىلانلاش ۋە تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دېڭ جيەنجۈن.

  سىچۈەن زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يەر باشلىقى تۈزۈمىنى رەقەملەشتۈرۈپ تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان ئېلېكتىرونلۇق قوغداش قوزۇقى تەسىس قىلىپ، كۈندىلىك ھەرىكەتچان چارلاشنى قوشۇمچە قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا»، «ئاشلىقتىن باشقا» ئىشلارغا قارىتا بالدۇر بايقاش، بالدۇر توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلىدى.

  يەر تۈزلەش، ئېرىق - ئۆستەڭ چېپىش... گۇاڭئەن شەھىرى گۇاڭئەن رايونى لۇڭتەي بازىرى گاۋدېڭ كەنتى، ۋاڭشېڭ كەنتىنىڭ ئېتىز - ئېرىقلىرىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش تۈرلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ، 2023- يىلى، سىچۈەن تيەنفۇ مۇنبەت ئېتىز قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تەدرىجىي ھالدا 63 مىليون 80 مىڭ مو مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  زىياڭ شەھىرى ئەنيۆ ناھىيەسى چيەنفو يېزىسى مياۋپو كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ ۋېييۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يەككە تېرىغان كۆممىقوناق ياكى سېرىق پۇرچاقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تەخمىنەن 800 جىڭ، سېرىق پۇرچاقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تەخمىنەن 300 جىڭ. 2023 - يىلى، بىز بەلباغسىمان بىرىكمە تېرىقچىلىقنى 210 مو كېڭەيتىپ، مو بېشى مەھسۇلاتى تەخمىنەن 700 جىڭ كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق تەخمىنەن 200 جىڭغا يەتكۈزدۇق.»

  سىچۈەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى شۈ جىۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2023- يىلى سىچۈەن 4 مىليون 950 مىڭ مو سېرىق پۇرچاق، كۆممىقوناقنى بەلباغسىمان بىرىكمە تېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 850 مىڭ مو ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆلەمنىڭ %30 نىت كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 96 مىليون 60 مىڭ مو بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 71 مىليارد 880 مىليون جىڭغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىدا 26 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ئۆلكە بويىچە ئاشلىقنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 374 . 1 كىلوگىرامغا يېتىپ، 2022- يىلىدىكىدىن %3.3 ئاشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ