مۇھىم خەۋەرلەر

2023-يىللىق جۇڭگو كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تۈرلىرى ئېلان قىلىندى

2024.01.09 00:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئورگان تورىدا 2023-يىللىق كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ تۈرلۈك يىللىق مۇكاپات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. شېنجېن شەھەرلىك پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان شاھزات غوجائەخمەت ئەڭ ياخشى ياش توپچى بولۇپ باھالاندى، شىنجاڭلىق رېپىر مەمەتجان كۈمۈش پۈشتەك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2023-يىللىق كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە يىللىق مۇكاپات باھالاش پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە قائىدىسى ۋە «2023-يىللىق كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك يىللىق مۇكاپات تۈرلىرىنى باھالاش چارىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە ئاساسەن، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ھەرقايسى كۇلۇبلىرى، توپ كوماندىلىرى، تاراتقۇلار، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ كەڭ قاتنىشىشى بىلەن، باھالاش كومىتېتى 2023-يىللىق كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ يىللىق تۈرلۈك مۇكاپات تۈرلىرىنى تاللاپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ