مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانى ئېلان قىلىندى

2024.01.09 00:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانى ئېلان قىلىندى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى، شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرى بېيجىڭ ئاساسىي مەيدانى بىلەن بىرلىكتە چاغاننىڭ ھارپا كېچىسى پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا بىر مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئەجدىھا يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2024-يىلى باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە «4+1» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، بىر ئاساسىي مەيدان ۋە تۆت تارماق مەيداندىن تەركىب تاپىدىكەن، بىر پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك لايىھەلەش، بەدىئىي ئىپادىلەش، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ نامايان قىلىش ئارقىلىق، شۆبە مەيداندىكى نومۇرلار ئاساسىي مەيدانى بىلەن بىر گەۋدە قىلىنىپ، كەيپىيات تۇتاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مول مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىپ، رەڭدار يېڭى دەۋر يېڭى كەيپىياتى نامايان قىلىنىدىكەن. چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى گۇرۇپپىسى ھەرقايسى شۆبە مەيدانلارنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخىي، ئادىمىيەت يارقىن نۇقتىسى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاساسىي، شۆبە مەيدانلارنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارنىڭ خۇشال، قىزغىن چاغان كەيپىياتىنى نامايان قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ