مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورىنىڭ «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق» ھەققىدىكى ئۈچ ئوبزورىنىڭ ئۈچىنچىسى:

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، ھەقىقىي يۈكىنى يېنىكلىتىش لازىم

2024.01.09 00:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق»نىڭ ئازابىغا چىداۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. نۇرغۇن جايلار ۋە تارماقلار ئۆزگەرگەن، يېڭىلانغان شەكىلۋازلىقتىن كۆپ ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى.

  «يانفوندا شەكىلۋازلىق» قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يۈكنى تۈگىتىش جىددىي ھەم زۆرۈر. «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا، خەلقنىڭ مايىل بولۇش-بولماسلىقىغا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دەل جايىدا بولۇش ۋە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. يېقىندا تارقىتىلغان «<يانفوندىكى شەكىلۋازلىق>نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە، قۇرۇشنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن يوقلىما قىلىش، جەملىمە نومۇرغا ئاساسەن رەتكە تىزىش، توردىكى ۋاقتى قاتارلىق مەجبۇرىي ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە ئاساسىي قاتلام ئورۇنلاردىن مەمۇرىي ئەپ دېتال، خىزمەت توپى-گۇرۇپپىسى ئارقىلىق زۆرۈر بولمىغان كەسمە سۈرەت ياكى سىنلارنى يوللاشنى خالىغانچە تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، خالىغانچە ۋەزىپە چېچىشقا، ماتېرىيال تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ... بۇ چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ناچار ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى توسۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رەقەملىك دەۋردىكى ئورۇنسىز ئەمگىكىنى ئازايتقاندىلا ئاندىن راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش توغرا كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ.

  بەلگىلىمە ئىنچىكە بولۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولۇشى كېرەك. «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قەتئىي بوشاشماي، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش زۆرۈر. تور ئەھلى «ئەمدى <يانفوندىكى شەكىلۋازلىق>نى تۈزەش كۆرسەتكۈچىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ھەر كۈنى دوكلات سۈرئىتىنى مەلۇم قىلىش، ھەر ھەپتىدە ماتېرىيال يوللاش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالارمىزمۇ؟» دەپ چاخچاق قىلىشتى. شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، بۇ مەركەزنىڭ روھىغا تېخىمۇ زىت. ھەر دەرىجىلىك تارماقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق» مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاپ، ئۇنى ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىرنى بايقىسا بىرنى تۈزىتىش، بىرنى بايقىسا بىرنى ھەل قىلىش، كەينىگە سۆرىمەسلىك، ئىككىلەنمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس تۈزەش، تېخنىكىلىق كۆزىتىش، تىپىك ئەمەلىي مىسال قاتارلىق خىزمەت نەتىجىلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يانفوندىكى يۈكنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىكمە كۈچىنى سىجىل شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، يۈكنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ھەقىقىي يۈكنى يېنىكلەتكەندىلا كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكى تېخىمۇ يېنىكلەيدۇ، ئىستىلى تېخىمۇ ئەمەلىي بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدۇ.

  «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ۋاقىتلىق ئىش ئەمەس، بەلكى ئىزچىل قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، چوقۇم سىجىل كۈچەپ، ئۇزاققىچە قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلاردا ھەرگىز بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتى بولماسلىقى، ھەم بىردەم چىڭ تۇتۇپ بىردەم توختاپ قېلىش، بىر مەھەللىك شامال پەيدا قىلىش ئويى بولماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يېڭى مەسىلە، يېڭى ھادىسىلەرگە قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناچار ئىستىللارنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز توسۇپ، شەكىلۋازلىق پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقاتقاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ