مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭلىق « ياخشى بالا» شاڭخەيدىكى ئوقۇشىدىن مول ھوسۇل ئالدى

2024.01.08 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرىدىن كەلگەن ئىقبال ئۆمەر ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ ئوقۇش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا كىرگەن. 2021-يىلى شاڭخەيگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن ، ئىقبال ئۆمەر «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار كادىرى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. جيادىڭ رايونلۇق «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» ۋە باشقا ناملارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا ئۇ يۇرتىدىكى «ياخشى بالا» ئىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىقبال «ئۆزى ھېس قىلغانلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مول» ئىكەنلىكىنى بايقىدى. زۆرۈر دەرسلەردىن باشقا، مەكتەپتە يەنە تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە مەكتەپ يەنە شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەجدىھا ئۇسسۇلى، چامباشچىلىق، پۇتبول، ۋاسكېتبول، خور، تىياتىر، خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ساپا دەرسلىرىنى تەسىس قىلىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى بايقاپ، شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا تېخىمۇ تېز ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئىقبال ئۈچ يىلغا يېقىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى بايقىدى. ئۇ شاڭخەي شەھەرلىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ياشلار-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە كوللېكتىپ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، شاڭخەي شەھەرلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ 1-لىككە ئېرىشكەن ھەمدە مەكتەپ ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ۋالىبول كوماندىسىنى باشلاپ شاڭخەي شەھەرلىك مىللىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ (مەكتەپ) ۋالىبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ