مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكىنى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدىغانلارنى چەكلەش ۋە توسۇشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2024.01.05 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئېلىش پوزىتسىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇش ۋە چەكلەشنى توختىتىشقا، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.شۇ كۈندىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر : خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى يېقىندا ئامېرىكىغا كىرگەندە ئۇزۇن ۋاقىت تەكشۈرۈلگەن ھەمدە يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى تەكشۈرۈلگەن. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلۈپ بەش يىل ئىچىدە ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشكە بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى ۋە ۋىزىسى بار ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇپ زىيانكەشلىك قىلىپ، ھە دېسىلا سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈردى، قاماپ قويدى، قىستاپ ئىقرار قىلدۇردى، ئازدۇردى ھەتتا قايتۇرۇۋەتتى. يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، ھەر ئايدا چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون جۇڭگولۇق ئامېرىكا تەرىپىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلدى.»

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى تىپىك تاللاش خاراكتېرلىك، كەمسىتىش خاراكتېرلىك، سىياسىي خاراكتېرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش. جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.»جۇڭگو داۋاملىق زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. بىز ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغانلارنىڭ ئالاقىدار خېيىم-خەتەردىن ھوشيار بولۇشىنى ئەسكەرتىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ