مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى: 2023-يىلى سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان دورىلارنىڭ باھا تۆۋەنلىتىلىش %40 تىن ئاشتى

2024.01.05 13:54 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان، ئاز ساندىكى كارخانىلارنىڭ قىسمەن دورىلارنى مونوپول قىلىپ سېتىشىنى كونترول قىلىش، تەننەرخنى يالغاندىن ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 2023-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 23 كارخانا بىلەن سۆھبەتلەشكەن، 30 تۈلۈك دورىلارغا چېتىلىدۇ، سۆھبەتلەشكەن دورىلارنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40 تۆۋەنلىگەن.

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى دورا باھاسىنى دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق، كۆزىتىش، ئاگاھلاندۇرۇش، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، سۆھبەتلىشىش، ئىناۋىتىنى باھالاش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، خام ئەشيا دورا باھاسىنى ساختا ئۆستۈرۈش، دورا باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش قاتارلىق بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلدى.

  2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئالاقىدار تارماقلار شاڭياۋ 1-بىيو خىمىيەلىك دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ۋۇخەن خۇيخەي دورىگەرلىكى، ۋۇخەن كېدې دورىگەرلىكى، خۇبېي مىنكاڭ دورىگەرلىكى قاتارلىق ئۈچ كارخانا بىرلىشىپ خام ئەشيا دورىسىنىڭ تەننەرخىنى نەچچە يۈز ھەسسە ئاشۇرغان قىلمىشىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان پولىمىكسىن سۇلفات B نىڭ تورغا چىقىش باھاسىنى 2303 يۈەندىن ئاشۇرۇپ، چەت ئەلدىكى سېتىلىش باھاسىدىنمۇ نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى نامۇۋاپىق يۇقىرى باھادا دۆلەت ئىچىدە سېتىپ، قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە يىللىق سېتىش سوممىسىنى 4 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، زور سوممىلىق نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشكەن. دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلە يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نامۇۋاپىق يۇقىرى باھانىڭ بىمارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە داۋاملىق زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شاڭياۋ 1-بىيو خىمىيەلىك دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا سۆزلىشىپ، سۇلفات كىسلاتا پولىمىكسىن B نى تورغا چىقىرىش باھاسىنى 123 يۈەنگە چۈشۈردى، 2022-يىلىدىكى ئىشلىتىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ دورىنىڭ ھەر يىلى 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن دورا ئىشلىتىش خىراجىتىنى ئازايتىش مۆلچەرلەنمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ