دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئىراننىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەم ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلغانلىقىدىن قاتتىق ھەيران قالدى. جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ئىراننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.
شۇ كۈندىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: 1-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كېرمان ئۆلكىسىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارتلاش يۈز بەردى ھەمدە ئېغىر تالاپەت كۆرۈلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندە، شۇ جايدىكى ئامما ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ قوماندانى سولەيمانىنىڭ قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئىران ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تېرورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتتى ھەمدە تەكشۈرۈشنى باشلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
«جۇڭگو تەرەپ ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كېرمان ئۆلكىسىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەم ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلغانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈدى، بىز قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.» ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ئىراننىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ