مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى: «سەييارە ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

2024.01.05 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2024-يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. جايلار مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككىنى تۈزلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «كۈندىلىك تەكشۈرۈش + كېچىلىك تەكشۈرۈش، بىرلەشمە تەكشۈرۈش + ئارىلاپ تەكشۈرۈش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەربىيەلەش كۆپ يۈز بېرىدىغان سودا بىناسى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ مېھمانساراي، قەھۋەخانا، ئاھالىلەر بىناسى قاتارلىق سورۇنلارغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنى قاتتىق توسۇش كېرەك. نۇقتىلىق ئاپپارات ۋە خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تورلاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئائىلە مۇلازىمىتى»، «شەخسىي ئوقۇتۇش»، «ساياھەت، تەتقىقات ئۆگىنىشى»، «قىشلىق لاگېر» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشكە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ