مۇھىم خەۋەرلەر

ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە كۆپرەك بېرىپ ئىش بېجىرىش كېرەك

2023.12.12 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «بىرىنچى سەپتىكى قورغان». پۇقرالار ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش، ئۇلنى كۈچەيتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى خەلقنى ئاساس قىلىش ھېسسىياتى، ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئىشخانىدا ئاز ئولتۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە كۆپرەك بېرىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى بېيىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئامما بىلەن دوست بولۇپ، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۆزىنى ئاممىدەك، ئاممىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈش كېرەك، بۇ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەت. ھالبۇكى، رېئال تۇرمۇشتا ئايرىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۆزى ئاساسىي قاتلامدا بولسىمۇ ئەمما قەلبى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەس؛ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇزاققىچە ئامما بىلەن كۆرۈشمەيدۇ؛ گەرچە قولىدا بىر دۆۋە سانلىق مەلۇمات، مەلۇمات جەدۋىلى، ماتېرىيال بولسىمۇ، لېكىن نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ باقمايدۇ. يەنە بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ «يىراقتىن قوماندانلىق قىلىش»قا رازىكى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىشنى خالىمايدۇ.

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «ئورگان كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇشىدا ئاساسەن مۇنداق ئىككى سەۋەب بار. بىرىنچىدىن، سۇبيېكتىپ جەھەتتە كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىشنى خالايدىغان بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك ئالدىراش خىزمەتلەر تەرىپىدىن چۈشەپ قويۇلغان، يىغىن كۆپ، ماتېرىيال كۆپ، جەدۋەل كۆپ، قوشۇمچە ۋەزىپە كۆپ بولغاچقا، ئۆزىنى نەچچىگە بۆلەي دېسىمۇ ئاخىرىدا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق. ئىككىنچى خىلى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس، زاۋۇت سېخلىرىغا بارسا نېمە ئىش قىلىشنى، ئامما بىلەن كۆرۈشكەندە نېمە دېيىشنى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنى ئاساس قىلىش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھەم كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، ھەم ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش كېرەك. قىسمەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۆزى ئاساسىي قاتلامدا بولسىمۇ ئەمما كۆڭلى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەس، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىدىيەنىڭ «باش ۋىكليۇچاتېلى» بوشاپ، ئۆزىنىڭ شەرەپ-نومۇس، پايدا-زىيىنىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال-ئەھۋالىنى سەل چاغلاشتەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىش، كەسپىي مەشىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىدىغان، ئاساسىي قاتلامغا تۆھپە قوشىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، «ئورگان كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان ئايرىم كادىرلارغا خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇ بىر سىردىشىپ، ئويلىغانلىرىنى چۈشىنىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ساقلانغان كادىرلارنى بالدۇر، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇپ، مەسىلىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا تۆھپە يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، «پاسسىپ ھالدا ئورگاندىن چىقىش»نى «ئاكتىپلىق بىلەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش»كە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىرىنچى سېپىگە كۆپرەك بېرىپ ئىش بېجىرگۈزۈش ئۈچۈن يەنە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىغىن، ھۆججەت، مەلۇمات جەدۋەللىرىنى ئىخچاملاپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، كۈتۈۋېلىشنى بىرىكتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقتى، زېھنىي كۈچىنى چىقىرىپ، پۇت-قولىنى بوشىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى، ئەمەلىي، ھەقىقىي بېجىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ