مۇھىم خەۋەرلەر

جەدۋەلدىكى شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

2023.12.12 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق تىپىك مەسىلىسىدىن 10نى ئاشكارا ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى گۇاڭدۇڭ شاۋگۇەن شۆبە بانكىسىنىڭ راسچوت قىلىش ۋە ئېلېكترونلۇق بانكا بۆلۈمىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەكرار يوللاشنى تەلەپ قىلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى. 2019-يىل 1-ئايدىن 2022-يىل 6-ئايغىچە، بۇ تارماق ھەرقايسى تارماق بانكىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئابونتلارنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى باھانە قىلىپ، قارىمىقىدىكى تارماق بانكىلاردىن ئەسلىدە سىستېمىدىن ھاسىل قىلىشقا بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر كۈنى قولدا ئىستاتىستىكىلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋاقىت، زېھنىنى ئىسراپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. ئەسلىدە سىستېما ئارقىلىق ھاسىل قىلىشقا بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساسىي قاتلامدىن ھەر كۈنى قولدا ئىستاتىستىكىلاپ يۇقىرىغا يوللاشنى تەلەپ قىلىش نۇرغۇن ئورۇنسىز تەكرار ئەمگەكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش دەل «جەدۋەلدىكى شەكىلۋازلىق»تىن ئىبارەت.

  جەدۋەلدىكى ئىستاتېستىكا ئۇچۇرى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىشى ۋە چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە پايدىلىق. لېكىن ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئاساسىي قاتلامنىڭ «بىر تال يىڭنىنى مىڭ توپ يىپ ساقلاپ تۇرىدىغان» خىزمەت ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلارنى دائىم «كۆپ تەرەپكە يوللاش»، «تەكرار يوللاش» مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ۋاقتى ۋە زېھنىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىدارە قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشكە سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى جەدۋەلدىكى شەكىلۋازلىققا چۈشەپ قويدى. ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار كۈندىلىك خىزمەتلەردە جەدۋەلنى تەكرار يوللاش مەسىلىسى يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. مەسىلەن، بىرقانچە جەدۋەلنىڭ مەزمۇنى كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولسىمۇ، قايتا-قايتا تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان؛ بىر تۈرلۈك خىزمەتنى كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇپ، بىر سانلىق مەلۇماتنى قايتا-قايتا يوللاش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى بېسىۋالغان ئېغىر يۈك بولۇپ قالدى.

  جەدۋەلدىكى شەكىلۋازلىقنىڭ ئىپادىسى ئاساسىي قاتلامدا، بىراق يىلتىزى يۇقىرىدا. جەدۋەلنى تەكرار يوللاش قارىماققا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، خىزمەتلەرنى باھالاش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا مەسىلە كۆرۈلگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن چوڭقۇر تەھلىل قىلغاندا يەنىلا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ھورۇنلۇق تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، مەلۇم ناھىيە دەرىجىلىك تارماق دائىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن جەدۋەل يوللاشنى تەلەپ قىلىدىكەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە جەدۋەلنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدىكەن، پەقەت شەكلىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن. ئوخشاش جەدۋەل ئۇچۇرىنى ئاددىي ھالدا «كۆپەيتىش، چاپلاش» ئارقىلىق تاماملىغىلى بولىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن چوقۇم ئاساسىي قاتلامنى يېڭى شەكىلدىكى جەدۋەل بويىچە قايتىدىن تولدۇرغۇزىدىكەن، بۇ كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىدىيە جەھەتتە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىيۇروكراتلىقتۇر. ئەسلىدە ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن ماتېرىياللارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، بىر قېتىم يوللىسىلا بولىدىغان نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆپ قېتىم يوللاشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىۋەرسە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەي، ئېغىر بولغان جەدۋەل تولدۇرۇش تەلىپىگە ئەپلەپ-سەپلەپ ئىشنى تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  جەدۋەلدىكى شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس، مۇھىمى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھورۇنلۇق تەپەككۇرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز قاتلىمى ۋە دەرىجە بويىچە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامغا تاشلاپ قويۇش ئەمەس بەلكى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىپ، ئۆزىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئورنىغا قويۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بەزى ئورۇنسىز ئىشلاردىن خالاس قىلغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە سەرپ قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ