مۇھىم خەۋەرلەر

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى جوۋ تىڭنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغلاپ تۇتۇشنى جىددىي جاكارلىدى!

2023.12.06 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇن لايىھەسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېپىلگە قويۇپ بېرىش، تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغان «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەشكىلاتىنىڭ ئەسلىي ئەزاسى جوۋ تىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا شياڭگاڭغا قايتىپ شياڭگاڭ ساقچىلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، لېكىن قايتىپ بارمايدىغانلىقنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. جوۋ تىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتى كېپىلگە قويۇپ بېرىشتىن ۋاز كېچىپ قېچىپ كېتىشنى ئېلان قىلغانغا باراۋەر.

  بۇنىڭغا قارىتا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت 4- چېسلا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چەت ئەل ياكى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى ئىشلىرى باشقارمىسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان جوۋ تىڭ، ئاشكارا ھالدا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كېپىلگە قويۇپ بېرىشتىن ۋاز كېچىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، قانۇن - ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانۇن بويىچە قوغلاپ تۇتىدۇ ھەمدە جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن بۇ نومۇسسىز قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

  ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت، پۈتۈن كۈچ بىلەن زەربە بېرىپ، ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەرقانداق قاچقۇن شياڭگاڭدىن قېچىپ كەتسىلا جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولىدۇ دەپ خام خىيال قىلماسلىق كېرەك.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ 5 - چېسلا مۇنداق دېدى: جوۋ تىڭ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن شياڭگاڭ ساقچىلىرى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاپ تۇتىدۇ. ھەرقانداق قاچقۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش كېرەك، بولمىسا ئۆمۈرلۈك قاچقۇن بولىدۇ، ئۆمۈر بويى قوغلاپ تۇتۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ