شى جىنپىڭ «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.12.01 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك. پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تۈگۈنى پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتەك قانۇنلۇق بولغان مىللەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ئۇزاققىچە ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىدا. پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تەكرار يۈزبېرىشىدەك ئېچىنىشلىق ساۋاق شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئورتاق خەۋپسىزلىك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن جىددىي ھەرىكەتكە كېلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىكى ئاپەتنى توسۇشى كېرەك. بۇ ئاساستا، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن قايتا باشلاپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، قايتىش ھوقۇقىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىزچىل پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى. پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى 1967 - يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. پەلەستىننىڭ ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن ياردەم قىلىش - يۆلەشنى زورايتىشى كېرەك. تىنچلىق سۆھبىتى توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېزدىن تېخىمۇ نوپۇزلۇق خەلقئارا سۈلھى كېڭىشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىدە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى داۋاملىق ياقلاپ، ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىن تەرەپنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ توغرا يولىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ