شى جىنپىڭ ھېنرى كېسىنگىرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.12.01 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېنرى كېسىنگىرنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەم ئۆز نامىدىن دوكتور ھېنرى كېسىنگىرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: دوكتور ھېنرى كېسىنگىر دۇنياغا داڭلىق ئىستراتېگىيەچى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى ۋە ياخشى دوستى. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، ئۇ قالتىس ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىغا تارىخىي تۆھپە قوشۇپ، ھەم ئىككى دۆلەتكە بەخت ياراتتى، ھەم دۇنيانى ئۆزگەرتتى. ئۇ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى قىلدى. كېسىنگىرنىڭ ئىسمى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىلەن مەڭگۈ باغلىنىپ تۇرىدۇ. دوكتور كېسىنگىرنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ