مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش

2023.12.06 13:24 مەنبە: خەلق تورى

  «پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا تۈپ كاپالىتى.» باش رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاشقا، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا، رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى خەلققە بەخت يارىتىشتەك نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەلدىن ئەقىل سوراش، ئەلدىن ھال-ئەھۋال سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشىسى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «بىر مەسىلىنى ئانالىز قىلىش» ئارقىلىق «بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش»قا تۈرتكە بولۇپ، ئۇرغۇپ چىققان ئۆگىنىش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاخىرلىشىشقا قانچە ئاز قالغانسېرى، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى تۇتۇشتا يۇقىرى سۈپەتلىك، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پۇختا نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاممىنىڭ ئەتراپىدا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئامما بىلەن تېخىمۇ بىۋاسىتە ئالاقە باغلاندى. دۇچ كەلگەن زىددىيەت، مەسىلىلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ بولدى. ئامما ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كونكرېت بولدى، ئاساسىي قاتلامغا بارغانسېرى «ئەمەلىي» بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، چوقۇم ئەمەلىي تەلەپنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش»نى ئۆگىنىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئامما غەم قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش-كۆزىتىش، تۈزىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەل قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ئەل رايىغا ياقىدىغان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش كېرەك. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە كۆپرەك كۈچەپ، شەكىلگە ئازراق كۈچ سەرپ قىلىپ، يۈزەكى ئىش قىلماي، شەكلىنى يېڭىلىماي، پۇختا ئىستىل ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ سىياسىيلىقى ۋە سۈرىنى قوغداش كېرەك. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئورنىتىلغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنىڭ رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بوشىشىپ قېلىش»، «توختاپ قېلىش» خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىش قىلىشقا نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئەمەلىيەتچانلىق ماركسىزمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئۇنى تەتبىقلاشتا. تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى خىل بولۇۋېلىش»تىن ساقلانغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىنى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا ئايلاندۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يىل بېشىدا، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەرنى باشلاش ۋەزىپىسى ئېغىر، خىزمەتلەرنىڭ باش-ئايىغى كۆپ. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن مەركىزىي خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى مەركىزىي خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەت نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

  بىزنىڭكىدەك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، نەزەرىيە كۈچلۈك بولغاندىلا، يۆنىلىش ئېنىق، كىشىلەر قەلبى بىرتۇتاش، ئىشەنچ تولۇق بولىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ۋە تۈزىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز چوقۇم ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ