مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى ياپونىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا قانۇنسىز كىرگەن پاراخوتىنى قانۇن بويىچە قوغلىۋەتتى

2023.11.29 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بلوگىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا،28-چېسلا، ياپونىيەنىڭ «لۇڭشياڭۋەن» ناملىق پاراخوتى ۋە بىرنەچچە چارلىغۇچى پاراخوتى دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە قانۇنسىز كىرگەن، دۆلىتىمىز دېڭىز ساقچىلىرى پاراخوتى قانۇن بويىچە زۆرۈر بولغان باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلىغان. دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو دېڭىز ساقچى پاراخوتلىرى قانۇن بويىچە ئۆز دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بىز ياپونىيەنى بۇ دېڭىز رايونىدىكى بارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ