جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىر توغرىسىدىكى پىكىر» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش نىزامى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.11.29 09:53 مەنبە: خەلق تورى

  ■ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ئىستراتېگىيە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىدىيەۋى تونۇش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت، تەرەققىيات ئۇسۇلى، رايونلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئۆزگىرىش بولدى، تەرەققىيات سۈپىتى مۇقىم ئۆستى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى

  ■ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈپ جەھەتتىن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىغا تايىنىدۇ. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ ۋە باشقۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى پائال ئېچىپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەريا بويىدىكى كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە يۆتكىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا بولغان جەلپ قىلىش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلكىلەر ئارا ئورتاق كېڭىشىش، ئېكولوگىيەنى ئورتاق تۈزەش، پۈتۈن رايون ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رايون قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ۋادىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر رايوننىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم زور ئىسلاھاتلارغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېھتىياتچان بولۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك

  ■ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش نىزامى»دا، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى، پارتىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى پىكىر يولى، ئىدىيەسى، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تۈزۈم نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان زور فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

  ■ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان قانۇن ـ نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى بۇرچ، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، «چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىر توغرىسىدىكى پىكىر» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ئىستراتېگىيە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىدىيەۋى تونۇش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت، تەرەققىيات ئۇسۇلى، رايونلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئۆزگىرىش بولدى، تەرەققىيات سۈپىتى مۇقىم ئۆستى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تۈپ جەھەتتىن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىغا تايىنىدۇ. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ ۋە باشقۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى پائال ئېچىپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەريا بويىدىكى كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە يۆتكىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا بولغان جەلپ قىلىش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلكىلەر ئارا ئورتاق كېڭىشىش، ئېكولوگىيەنى ئورتاق تۈزەش، پۈتۈن رايون ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رايون قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ۋادىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر رايوننىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم زور ئىسلاھاتلارغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېھتىياتچان بولۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش نىزامى»دا، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى، پارتىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى پىكىر يولى، ئىدىيەسى، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تۈزۈم نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان زور فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان قانۇن ـ نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى بۇرچ، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ