دىڭ شۆشياڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى ھەمدە جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.11.29 11:07 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، زۇڭلى ئىسمايىلوف بىلەن كۆرۈشتى، بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى سىكرىيار بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ توقايېف بىلەن كۆرۈشكەندە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ توقايېفقا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرى پىلانلىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى باشلامچى بولۇپ بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتىدىغان يېقىن قوشنا دۆلەت ۋە تەقدىرداش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ھەمكارلىق ئاساسى مۇستەھكەم، يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «نۇرلۇق يول» يېڭى ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ مۇقىم، يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  توقايېف دىڭ شۆشياڭدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. قازاقىستان 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قارشى ئالىدۇ. قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ ئىسىمايىلوف بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان يېقىن دوستانە قوشنا، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستلار ۋە ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەمراھلار. بۇ يىل، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ تەرەققىيات قارىشى ئوخشاش، بىر بىرىنى تولۇقلاش ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىغا ئاساسەن، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئىسىمايىلوف مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. قازاقىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى خالايدۇ.11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دىڭ شۆشياڭ بىلەن سىكرىيار جۇڭگو -قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر ئومۇميۈزلۈك تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دىققەت ئېنېرگىيە، ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، قاتناش، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت، مۇھىت ئاسراش ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق قارالمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ھەمدە كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى پىلانلاندى. يىغىندىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ بىلەن سىكرىيار «جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 11 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ خاتىرىسى»نى ئىمزالىدى ھەمدە ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم، قازاقىستاننىڭ ھۆل خېگونى جۇڭگوغا يەتكۈزۈش ئۆسۈملۈك كارانتىن قىلىش تەلىپى توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىسى قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ