لى چياڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭلىسى لاكسېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.11.29 11:10 مەنبە: خەلق تورى

  11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كرىستوف لاكسېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە بىر - بىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، كۆپلىگەن «بىرىنچى»نى ئورتاق ياراتتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت ياراتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىز ۋە سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ