ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا مۇنداق دېيىلدى: كالا، قوي قاتارلىق كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشى ۋە سۈتىدىكى بىر خىل ماددا ئۆسمىگە قارشى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرالايدىغان بولۇپ، كۆپ خىل راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىش يوشۇرۇن كۈچى بار ئىكەن.
ئامېرىكا چېكاگو داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كالا-قوي قاتارلىق كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشى ۋە سۈتىدە بىر خىل تەتۈر شەكىللىك غەيرىي ئولېئىك كىسلاتا (TVA) بار، ئۇ بىر قىسىم ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسمىگە قارشى ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قارا پىگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان چاشقان تەركىبىدە TVA بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىغا قارىغاندا چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئارىسىدا قاندىكى TVA مىقدارى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىش ئىنكاسى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ئىنسانلار بىمارلىرىنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئاق قان كېسىلى ھۈجەيرىسىگە بولغان تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، TVA ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش دورىلىرىنىڭ بۇ ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، TVA ئىنسانلارنىڭ ئانا سۈتىدە مەۋجۇت ئىكەن، ئەمما ئادەم بەدىنى ئادەتتە بۇ خىل ماددىنى ھاسىل قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسلىقى يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.
گەرچە TVA راكقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، چۈنكى قىزىل گۆش قاتارلىقلارنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندا سۈت بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تەركىبىدە مۇناسىۋەتلىك ماددىلار مول بولغان قۇۋۋەت دورىلىرىنى قوبۇل قىلىش بۇ يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە يېيىشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ