ئالدامچىلىق جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك
مۇخبىرىمىز پەن سۇڭۋۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۇ لىڭجياڭ خەۋىرى: ئائىلەمدىكىلەر ئاغرىپ قالدى، ماڭا ئازراق پۇل يۆتكەپ بېرىڭ؛ ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ماڭا ئازراق پۇل يۆتكەپ بېرىڭ...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىشنى باھانە قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلولىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئاندىن يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماسلىق دېلوسىغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى «مۇھەببەت نامى» بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بىر مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
2016-يىلى، جاۋابكار ليۇ X (ئايال) بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لۇ X (ئەر) زاكاز مال مەبلەغ سېلىش سودا توپىدا كۆپ پىكىر ئالماشتۇرغاچقا تونۇشۇپ قالغان. 2018-يىلىنىڭ بېشىدىن 2021-يىلى 12-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ليۇ X توردا قەرز ئېلىش سەۋەبىدىن زور سوممىلىق قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان، ئۇ ئۆزىنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆيلىنىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، بويتاق نامىدا لۇ X بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەمدە شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، لۇ X بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر مىليون يۈەن ئامانەت پۇلىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن لۇ Xنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش، كېسەل بولۇپ داۋالىنىش، ئاتا-ئانىسى كېسەل بولۇپ داۋالىنىش، دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، كۆپ قېتىم لۇ Xتىن قەرز ئېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لۇ Xنىڭ بىر مىليون 330 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، بۇ پۇلنى ليۇ X قەرز قايتۇرۇش، مەۋھۇم پۇلغا مەبلەغ سېلىش ۋە كۈندىلىك بەتخەجلىك قىلىشقا ئىشلەتكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لۇ X 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ليۇ X بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئالدانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلغان.
بىرىنچى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىشتىن بۇرۇن، جاۋابكار بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دېلو بېجىرگۈچى ئورگانغا ئالدامچىلىق سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لۇ Xنىڭ مۇھەببىتى بىر قەدەر چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇ جاۋابكار بىلەن بىرلىكتە تەتۈر ھېسابات قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بانكىنىڭ ئاقما ھېساباتىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەرز قايتۇرۇش ساختا كۆرۈنۈشىنى پەيدا قىلغان. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، لۇ X يەنە ئالداپ كېتىلگەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ليۇ Xكە ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ليۇ Xنىڭ قىلمىشىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرىنچى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى، جاۋابكار پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارنىڭ بىر مىليون 330 مىڭ يۈەن مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، سوممىسى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ قىلمىشى ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋابكار بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تىل بىرىكتۈرۈپ تەتۈر ھېساب قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنى ئازدۇرغان، سۇبيېكتىپ يامان خاراكتېرى نىسبەتەن چوڭقۇر، ئەڭ ئاخىرىدا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار ليۇ X قايىل بولماي، قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. ئىككىنچى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى پاكىتنى بېكىتىش ئاساسىدا، بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە ليۇ Xنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى، مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان، يەنە ليۇ Xنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇغان.
مەنبە: خەلق تورى