مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ئىناۋىتىنى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلارنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چەكلەيدۇ ياكى چەك قويىدۇ

2023.11.29 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى يېقىندا دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ئىناۋىتىنى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قاراتمىلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ئىناۋىتىنى باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئادىل، ھەققانىي دورا سېتىۋېلىش سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، دورىگەرلىك كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قېلىپلاشقان دورا خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ باھا تەرتىپىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قاراتمىلىق جايىدا بولماسلىق، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى.

  مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك دورا يىغىش ئاپپاراتلىرى باھا سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆلچەش ئۆلچىمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى باھالاپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پىرىنسىپ جەھەتتە دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ئالاقىدار دېلو مەنبەسىنى ئالتە ئاي ئىچىدە باھالاپ بىر تەرەپ قىلىشنى تاماملىشى كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالاش كاپالەت تارماقلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك دورا يىغىش ئاپپاراتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى باھالاپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت يىغىش ۋە ئۆلكىلەر ئارا ئىتتىپاق تۈزۈپ سېتىۋېلىشتەك خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش قائىدىسىنى تەسىس قىلغاندا، داۋالاش كاپالىتى تارماقلىرى باھالاش نەتىجىسى ئامىلىنى تولۇق ئويلىشىپ، «ئالاھىدە ئېغىر» ۋە «ئېغىر» لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلارنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چەكلىشى كېرەك. ئىناۋەت باھالاش بىلەن باھانى تۈزەشنىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر ئۆلكىدە لەۋزىدە تۇرماي مەھسۇلات باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش بوشلۇقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، باشقا ئۆلكىلەرگە ۋاقتىدا دىققەت قىلىشقا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ